خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى
2011.03.17
تېخى تۈنۈگۈن ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىنىڭ رابىيە خانىمغا ۋىزا بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بىرەر ھەرىكەتتە بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇشىغا، بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ سۆز قىلىپ «رابىيە قادىر خىتاينى پارچىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر بۆلگۈنچى، بىز ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭ خىتاينى پارچىلاش پائالىيەتلىرىگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىشىگە قەتئىي قارشىمىز. مەنچە ئاۋسترالىيىمۇ بىزنىڭ بۇ مەيدانىمىزنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى.
رابىيە قادىر خانىم كېلەر ھەپتە ئاۋسترالىيىدە ئېچىلىدىغان دېموكراتىيە بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە مېڭىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىمۇ بېجىرىپ بولغان.
رابىيە خانىم 2009-يىلى ئاۋسترالىيىدىكى مېلبورن فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارماقچى بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئەمما ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ شۇنچە بېسىمىغا قارىماي رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرگەن ئىدى. ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئالغان ۋە بۇ خىتاينىڭ دىپلوماتىك سەتچىلىكى بولۇپ قالغان ئىدى.