رابىيە قادىر خانىم ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەركىزىدە دوكلات بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.05.13
2010.05.13
ستانفورد ۋە مىسسورى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ پروفېسسورى ۋە سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرلىرىدىن Randell Shriver تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنغا، پروفېسسور ۋە ماگېستېرلار قاتناشقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى نۆۋەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، رازۋېتكا ئىدارىسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان.
رابىيە قادىر خانىم، ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسى بېسىمى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.