رىچارد لۇگار، قانۇن تەكلىپ لاھىيەسىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋەر تارقىتىشنى نىشان قىلغان خىتاي، بېرما، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىموكراتىك ئىسلاھات قەدىمىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ئەسكەرتىپ، "بۇ دۆلەتلەر پۇقرالىرىنى چەكلىمىسىز خەۋەر ئاڭلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش يولىدا ئۈزلىكسىز چىڭ تۇرماقتا،" دەپ تەكىتلىگەن.
لۇگار مەزكۇر قانۇن لاھىيەسىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 14 يىللىقى خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇن لاھىيەسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ يىلدا ياكى بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم ئۇزارتىلىدىغان مۇددەتلىك شتاتىنى مەڭگۈلىككە ئۆزگەرتىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك خىراجەت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەد قىلىدۇ.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 1996 - يىلى قۇرۇلۇپ، خىتاي، كامبودژا، لائۇس، بېرما، شىمالىي كورىيە، تىبەت ۋە ۋېتنامغا ئاڭتىش بەرگەن. رادىئونىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى 1998 - يىلى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئىلىغا ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغان ئىدى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى لۇگارنىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەققىدىكى باياناتىدا "ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا مەڭگۆلىك ئاڭلىتىش ھوقۇقى بېرىش دۇنياغا ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلىك سىگنال بېرىدۇ"، دىگەن.
