ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئامېرىكا رادىئو - ئاخبارات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا مەسئۇل بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە 9 تىلدا ئاڭلىتىش بېرىدىغان بۇ رادىئونىڭ، دۇنياغا ئاۋازى يەتمەيدىغان خەلقلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەزكۇر ئىدارە باشلىقى سۆزىدە، 1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قۇرۇلغان ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زور نەتىجىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشسىز ئەمگەكچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا، ئۇيغۇر ياش قىز چوكانلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېچنىشلىق ۋەقەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا، ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى مۇخبىرلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، رادىئودا ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان 9 مىللەتنىڭ مىللىيچە كىيىم - كېچەكلىرى، تائاملىرى كۆرگەزمە قىلىندى. ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى كۆركەم ھەمدە ئۆزگىچە كىيىم - كېچەكلىرى شۇنىڭدەك مەززىلىك يېمەكلىرى بىلەن باشقا بۆلۈم خادىملىرىنى ھەيران قالدۇردى.