خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جوسېف خۇاڭ بىڭجاڭنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شانتو شەھىرىگە جايلاشقان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىر چېركاۋنىڭ باش روھانىيسى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى.
رىم پاپاسى جون بېنېدىكت شەنبە كۈندىكى باياناتىدا: «خىتايدىكى چېركاۋلار ئۇچراۋاتقان بۇ خىل مۇئامىلىگە يەنە بىر قېتىم ئېتىراز بىلدۈرىمىز» دېدى.
رىم پاپاسى باياناتىدا خىتايدىكى كاتولىك ئېتىقادچىلىرىنىڭ «ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ۋە ئوز ۋىجدانىغا بويسۇنۇپ، رىم پاپىسىغا ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىش ھوقۇقى بارلىقى» نى تەكىتلىگەن.
رىم پاپاسى باياناتىدا يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز پوپ خۇاڭدىن بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلماسلىقنى بىر نەچچە قېتىم تەلەپ قىلدۇق» دېدى ۋە رىم ۋاتىكانىنڭ جوسېف خۋاڭ بىڭجاڭنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى رىم ۋاتىكانى بىلەن 1951-يىلىدىن بۇيان قارشىلىشىپ كەلمەكتە. خىتايدىكى خرىستىئان ۋە كاتولىك جامائىتى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان چىركاۋلاردىلا ئىبادەت قىلالايدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى چېركاۋلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن پوپلار تەلىم بېرىلمەيدىكەن.
