رىم پاپاسى خىتايغا ئەركىنلىك، سۈرىيىگە تىنچلىق تىلىدى
رىم پاپاسى بېنىدىكت 16 سەيشەنبە كۈنىدىكى روجىستىۋا دۇئاسىسدا خىتايغا ئەركىنلىك، سۈرىيىگە تىنچلىق تىلىدى. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن رىم پاپاسى بېنىدىكت پېتېر باسىلىكا چېركاۋىنىڭ بالكونىدا تۇرۇپ روجىستىۋا دۇئاسى بەرگىنىدە، مەيداندىكى 40 مىڭ كىشى ئۇنىڭ «ئەڭ قىيىن مەزگىل، ئەڭ مۇشەققەتلىك ئەھۋالدىمۇ، پۈتۈن دۇنيا ئۈمىدۋار بولۇشى كېرەك. توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە ۋە زوراۋانلىق يۈز بېرىۋاتقان جايلاردا ئۇرۇش ئاياقلىشىپ، تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى.» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغان. پاپا دۇئاسىدا خىتاينى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى دىننىڭ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئۇلارنى ساقلاۋاتقان مۇقەددەس ۋەزىپە دوستانە ھەم مۇھەببەتلىك جەمئىيەت قۇرۇش.»
رىم پاپاسىنىڭ روجىستىۋا دۇئاسى بۈگۈن خەلقئارا خەۋەرلەرنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالدى. ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى «رىم پاپاسى روجىستىۋا بايرىمىدا خىتاي رەھبەرلىرىنى دىنغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى» دەپ خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە خىتايدا دىنىي مۇرىتلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ خىتايدىكى خرستىئان مۇرىتىنى 5.7 مىليون دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەر ئاستى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ سانى 12 مىليونغا يەتكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.