رۇسىيە ئافغان ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى رەت قىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى راسمۇسسېن ئافغان ئۇرۇشىغا ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن رۇسىيىگە يېتىپ كېلىپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە پرېزىدېنت دىمىترىي مېدۋېدېۋلار بىلەن ئۇچراشقان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.12.17

راسمۇسسېن ئەپەندى رۇسىيىگە ئېلىپ بارغان بۇ زىيارىتىنىڭ، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىن قەپقالغان دۈشمەنلىكلەرنى يوقىتىپ، يېڭى بىر ئىش بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناتو باش سېكرىتارى راسمۇسسېن بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە رۇسىيىدىن ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي سەپلىرىگە قورال - ياراق ۋە باشقا ئەشيالارنى توشۇش ئۈچۈن ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت بېرىشىنى ۋە ناتونى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن تەمىنلىشىنى شۇنداقلا ئافغان ئەسكەرلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما، بۈگۈن ب ب س دا چىققان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، راسمۇسسىن رۇسىيە زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىنكى قىلغان سۆزىدە، رۇسىيىنىڭ ناتونىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، " رۇسىيە بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزگە ماقۇل كەلمىدى، ئەمما ئافغانىستاننىڭ تېررورىستلارنىڭ جەننىتى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رۇسىيە ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىدى،" دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.