رۇسىيە ب د ت نىڭ سۈرىيىگە جازا قوللىنىشىنى داۋاملىق توسماقتا
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋرۇف بۈگۈن، موسكۋا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، سۈرىيىگە جازا قوللىنىش ئۈچۈن ب د ت دىن تەستىق ئېلىشىنى توسۇپ قويىدۇ، بەلكى بۇنداق ئۇرۇنۇشلارنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارايدۇ، دەپ جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى، ئەرەب بىرلىكى ۋە تۈركىيە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە، دېموكراتىك سايلام ئۈچۈن نامايىش قىلغان خەلقتىن بەش مىڭ تۆت يۈز ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ بولغان سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئەل ئاسادنى جازالاشنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تەۋسىيىنى رۇسىيە بىلەن خىتاي رەت قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ.