رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرماقچى

رۇسىيە نۆۋەتتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.01

خەۋەردە ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنىڭ باش گېنېرالى نىكولاي سولوۋتسوۋ رۇسىيىنىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا چېخىيە ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتى تېررىتورىيىسىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى رادار سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ رۇسىيىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

رۇسىيە دائىرىلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى، يېڭىدىن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي بىلەن بىرلىكتە "ئالەم بوشلۇقىدا قورال تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چەكلەش شەرتنامىسى" تەييارلاپ، ئامېرىكىنى ئىمزا قويۇشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.