ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ بۇ قېتىملىق ھەربىي قوراللار كېلىشىمى «5- ئەۋلاد» ھەربىي كېلىشىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمى ئىكەن. ب ب س مۇخبىرى يەنە، بۇنىڭ ھىندىستاننىڭ پەقەتلا رۇسىيىنىڭ ھەربىي قوراللىرىنىلا سېتىۋېلىش ئەمەس، بەلكى تېخنىكىلىق جەھەتتىنمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىدىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا، 30 تۈرگە مۇناسىۋەتلىك 10 نەچچە كېلىشىم ئىمزالىنىدىغان بولۇپ، يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ھەققىدىمۇ كېلىشىم ئىمزالىنىدىكەن.
