رۇسىيە ھىندىستانغا يادرو سۇئاستى ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئىجارىگە بەرمەكچى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.15
2008.12.15
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ پرېزىدېنتى مىخائىل دمىتىرىيېف رۇسىيىنىڭ يادرو يېقىلغۇلۇق ھەربىي سۇئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ھىندىستانغا 10 يىللىق ئىجارىگە بېرىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە، رۇسىيە ھەربىي سۇئاستى پاراخوتلىرىنى ھىندىستانغا ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە يىلدا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە " نېپرا " تىپلىق يادرو يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتلىرىنى ھىندىستانغا ئىجارىگە بەرمەكچى بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ پاراخوتلار 1980 - يىللاردىن بۇيان ھەربىي ۋەزىپىگە سېلىنغان.
شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن "ئاكۇلا" دەپ ئاتىلىدىغان " نېپرا " تىپلىق سۇئاستى پاراخوتلىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 971 قۇرۇلۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، شۇ دەۋرىدە ياسالغان ھۇجۇمچى سۇئاستى پاراخوتىدۇر.









