رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە باشلىغان

رۇسىيە نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.09


ئامېرىكىدىكى «جامىستوۋن فوندى جەمئىيىتى» تارتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە جەمئىي 65 مىليون نوپۇس بارلىقى، بۇلارنىڭ رۇس مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بازار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

رۇسىيە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، قازاقىستان ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ 38 پىرسەنتى، قىرغىزىستان ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ 34 پىرسەنتى، تاجىكستان ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ 24 پىرسەنتى رۇسىيىدىن ئىمپورت قىلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى نۆۋەتتە مەزكۇر رايوندا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان خىتاينىڭ سودا مەۋجۇتلۇقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قارىتىلغان ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇكى؛ تۆۋەنلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.