رۇسىيە پرېزىدېنت سايلىمى بولدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.03.04
2012.03.04
«نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، پۈتۈن رۇسىيە بويىچە 90 مىڭدىن ئارتۇق سايلام پونكىتى تەسىس قىلىنغان. 200 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي سايلامنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە كۆزىتىش خىزمىتىگە قاتناشقان. بىراق، سايلام كۈنىدە بەزى سايلامغا خىلاپ قىلمىشلارمۇ كۆرۈلگەن.
بۇ قېتىمدا سايلامدا باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن، رۇسىيە كومپارتىيىسىنىڭ سېكرىتارى گېننادىي زھۇگانوۋ، تىجارەتچى مىخائىل پروخوروۋ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لىدېرى ۋلادىمىر زھىرونوۋسكىي ھەمدە سىياسىيون سېرگېي مىرونوف قاتارلىقلار نمازاتلار سايلامغا چۈشكەن. ئەمما ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 3 - قېتىم سايلىنىشى ئەڭ مۇھىم تېما بولماقتا. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىننىڭ 3 - نۆۋەت پرېزىدېنت بولۇپ كرېمىلغا كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. موسكۋا ۋاقتى سائەت ئۈچتىن بۇرۇن 48% ئادەم بېلەت تاشلاپ بولغان.