رۇسىيە قوشۇنلىرى ئىڭگۇشىتىيىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

شەنبە كۈنى رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى شىمالىي كاۋكازىيىدىكى ئىڭگۇشىتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى نازراندىن 25 كىلومېتىر نېرىدا قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز دېگەندە 2 ئادەم ئۆلگەن 9 ئادەم يارىلانغان، بىراق باشقا مەنبەلەر تەخمىنەن 40 ئەتراپىدا رۇسىيە قوراللىق خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئىڭگۇشىتىيە چېچىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان جۇمھۇرىيەت بولۇپ، بۇ جايدىمۇ قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرغان ئىدى. گەرچە رۇسىيە تەرەپ چېچەنلەرنىڭ قوماندانلىرىدىن شامىل باسايېۋ، ئارسلان ماسھەدوۋ قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چېچەنلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئادەم سانى 30 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىر برونېۋىكى ۋە ئاپتوموبىلىنى پاچاقلىۋەتكەن.