بۇ ۋەقە مەزكۇر يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ياپون دېڭىزىدا ھەيدەش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن بولۇپ، زەھەرلىك خىمىيىلىك گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن پاراخوت ئۈستىدىكى 20 ماتروس ۋە پاراخوت ياساش ئىشچىلىرى زەھەرلىنىپ، ئۆلگەن. بىراق، سۇ ئاستى پاراخوتى ھېچ نېمە بولمىغان.
ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دېڭىز كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانىنىڭ مۇئاۋىنى ئىگور دىگالونىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا پاراخوت ئىچىدە 208 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 81 نەپىرى ھەربىي خادىم، قالغانلىرى پۇقرالاردۇر.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر ئاتوملۇق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ نامىنىڭ " نېرپا" ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، خەۋەر قىلغان بولۇپ، مەزكۇر پاراخوت يېڭىدىن پۈتتۈرۈلۈپ، تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنغان ئىكەن. بۇ سۇ ئاستى پاراخوت 1991 - يىلى ئامۇر پاراخوت ياساش زاۋۇتىدا ياسىلىشقا باشلانغان ئىكەن.
رۇسىيىنىڭ ھەربىي تەپتىش دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى تېپىپ چىقىپ، جازالاش لازىملىقىنى كۆرسىتىشكەن. 2000 - يىلى " كۇرسك" ناملىق رۇسىيىنىڭ ئاتوملۇق سۇ ئاستى پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ، بارلىق ھەربىي خادىملارنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىققان ھەمدە بۇ رۇسىيە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا زور غۇل - غۇلا قوزغىغان ئىدى.
