خىتاي رۇسىيىدىن تۇتۇپ قېلىنغان بېلىقچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
2012.07.20
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن گوپىڭ پەيشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئەمەلدارىنى چاقىرتىپ، رۇسىيە چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ خىتاي بېلىقچى كېمىسىنى توپقا تۇتۇپ، بېلىقچىلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىق ۋەقەسىگە قارىتا«قاتتىق مەمنۇنىيەتسىزلىكى» نى ئىپادىلىگەن.
خىتاينىڭ خاباروۋېسكى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى قانۇنسىز بېلىق تۇتقان خىتاي بېلىقچىلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، ناخودكا پورتىغا ئېلىپ بارغان.
رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە سۇ تەۋەلىكىگە كىرىپ، قانۇنسىز بېلىق تۇتقان خىتاي بېلىقچىلىرى رۇسىيە چېگرا قوغداش قىسىملىرىغا قارشىلىق قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپ بېلىقچىلارنى توپقا تۇتقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ 19 كىشىلىك يەنە بىر خىتاي بېلىقچىلار كېمىسىنىمۇ تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن گوپىڭ، رۇسىيە دىپلوماتىك ئەمەلدارىغا خىتاي بېلىقچىلىرىنى تېز ئارىدا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. رۇسىيە دىپلوماتىك ئەمەلدارى بولسا رۇسىيىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، مۇمكىن بار تېز ئارىدا خىتاي تەرەپكە ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.