سەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن بولشوي ئوسسۇرۇسكىي ئارىلىنىڭ 174 كۇۋادىدىرات كېلومېتىر تۇپرىقى خىتاي چېگرىسى ئىچىگە ئېلىنغان ھەمدە ئىككى دۆلەت چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى مەزكۈر رايوندا يېڭىدىن بەلگىلەنگەن چېگرا سىزىقى دائىرىسىدە رەسمىي ۋەزىپە باشلىغان.
بولشوي ئۇسسۇرىسكى خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى جامۇسى شەھىرىگە تەۋە قىلىنغان. ئىلگىرى ئۇ رۇسىيە خابارۇۋېسكى شەھىرى دائىرىسى ئىچىدە ئىدى.
بۇ رايون 1929 - يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرسىدا 1964 - يىلىدىن باشلاپ مەزكۈر تۇپراقنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى داۋاسى داۋام قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭدىن قىرىق يىل ئىلگىرى ئىككى تەرەپ چېگرا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قېتىم توقۇنۇش بولغان.
