رۇسىيە - خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى باشلاندى

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى بۈگۈن، يەنى 22 - ئاپرىل كۈنى خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىگە يېقىن سېرىق دېڭىز رايونىدا باشلاندى. 27 - ئاپرىلغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرغا رۇسىيە ۋە خىتاي دېڭىز كۈچلىرىنىڭ بىر قىسىم پاراخوتلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيە قوشۇنى قاتناشقان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.04.22

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرغا رۇسىيە ئۆزىنىڭ يەتتە ئىلغار ئۇرۇش پاراخوتىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت ۋە ئۈچ دانە چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىغا زەربە بېرىش پاراخوتى بار ئىكەن. خىتاي تەرەپ شىمالىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىز پىلوتلىرىنىڭ 4 دانە پاراخوتى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قىسىمى بولۇپ، 4 مىڭ ئەتراپىدا ئوفىتسېر ۋە ئەسكىرىنى قاتناشتۇرغان.

بۇ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلىرى يولغا قويۇلغان يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپ مەزكۇر مانېۋىرنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ھەربىي تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ تەھلىل قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.