ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇۋىتى يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە تۆۋەنلەپ كەتتى

خىتاي دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ھەر قايسى ئۆلكىلەردە ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇۋىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان 2010 ‏- يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئېلان قىلغان دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇۋىتى تۆۋەنلەپ، خىتاي بۇيىچە ئەڭ ئاخىرقى ئالتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ھەر قايسى ئۆلكىلەردە ئېلىپ بارغان ئادەملەرنىڭ نەپەسلىنىش، مۇجۇش، بەل، پۇت ئىقتىدارى جەھەتلەردىكى ئومۇمىي بەدەن قۇۋىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتايدا ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇۋىتى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە شاڭخەي بىرىنچى، ئۇنىڭدىن قالسا جياڭسۇ، جېجاڭ ئۆلكىلىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەينىدىن سانىغاندا ئالتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا تىبەت، چىڭخەي، يۈننەن، گۇيجۇ، جىلىن قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر كۆپ رايونلاردىمۇ ، ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇۋىتى 2000 ‏- يىلىدىكىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن.

خىتاي دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ياشايدىغان رايونلاردا، گەرچە ئادەملەرنىڭ بەدەن قۇۋىتىنى ئاشۇرۇشنى تەمىنلەيدىغان بايلىق مەنبەلىرى ئەڭ كۆپ بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ رايونلاردىكى ئادملەرنىڭ بەدەن قۇۋىتى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان.