ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيىتتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئالاھىدە ساقچى ئەترەتلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بۇ ئەترەتلەرگە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئاپتونوم رايوندىن بىۋاستە يەرلىكلەرگە چۈشۈرۈپ بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.11.24

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇندىن كېيىن ئالاھىدە بىر ۋەزىيەت بولمىغاننىڭ سىرتىدا، ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىغا بىۋاستە قوماندانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا پەقەت ئۇنى تەشكىللەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرىدىكەن. يەرلىكتە قۇرۇلغان ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتى بولسا بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەڭشەشتە ئاساسىي كۈچ ئۈرۈمچى شەھىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەپسىزلىك نازارىتى تارمىقىدىكى 1000 نەپەر ئالاھىدە ساقچى پەيشەنبە كۈنى مۇراسىم بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەپسزلىك ئىدارىسىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى جۇ خەيلۇن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە بۇنىڭ سەۋەبىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنىڭ يەنىلا ئاجىز بولۇشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا جىددىيلىكى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ تۇيۇقسىز ۋەقەلەرگە ۋاقتىدا زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مۇقىملىققا قاتتىق كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش ۋە سوتسىز ھۆكۈم قىلمىشلىرىنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قالايمىقان باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئادىل سوت تەرتىپىسىز ھۆكۈم ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم دوكلات قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.