سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بروۋن سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەمدە ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى دۆلەتلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەسسە قوشۇشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.02

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئۆز دۆلىتىنىڭ خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندىنىڭ قۇتۇلدۇرۇش پىلانى ئۈچۈن پۇل چىقىرىپ ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەمدە 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسنى ھەل قىلىش مەسىلىسىگە ئائىت ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بروۋن بارلىق نېفىت ئىشلەيدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىنى كرىزىسنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشۇشقا دەۋەت قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.