سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى سائۇد بۈگۈن لوندوندا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

'خۇففىڭتون پوست' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى سائۇد ئابدۇلئەزىز بىن ناسىر ئەل سائۇد بۈگۈن لوندوندا، باندار ئابدۇلئەزىز ئىسىملىك مالىيىنى خارلاپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن دېگەن جىنايى نام بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.20

سوتتا، سەئۇدى شاھزادىسى مالىيىنى 'مەقسەتلىك ھالدا ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغان ئىدى' دېگەن، ئەمما ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىدىن تانمىغان. سەئۇدى شاھزادىسىنىڭ ئادۋوكاتى بۇ شاھزادە بىلەن مالاينىڭ مۇناسىۋىتىنى 'بەچچىۋازلىق مۇناسىۋەت' دەپ چۈشەندۈرگەن. سوتچى جۇستىس دىيېن 'ئادەم ئۆلتۈرگەن ياكى ئۆلتۈرمىگەنلىكىگە قارىلىدۇ' دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سەئۇدى شاھزادىسى لوندوندىكى بىر ئالىي قاۋاقخانىنىڭ توك شوتىسىدا، مالىيىنى قايتا - قايتا قاتتىق ئۇرغانلىقىنىڭ پۈتۈن جەريانى مېھمانخانىنىڭ بىخەتەرلىك فوتو ئاپاراتلىرىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئاللىقاچان ئىنتېرنېتتە تارقىلىپ بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.