سەئۇدىمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە باشلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بۈگۈن خىتايدىن ئىمپورت قىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدا مېلامىن بارلىقىنى بايقىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ رىيادتىن بايان قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىك قاچىلانغان يۈكلەرنىڭ ئىچىدىن 52 دانە سۈت پاراشۇكىنى تارتىپ چىقىرىپ تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك مېلامىن قېتىلغان مال ئىكەنلىكى بايقالدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان سۈت مەھسۇلاتلىرىدىلا ئەمەس، خىتايدا ئىشلەنگەن باشقا يېمەكلىكلەردە، ھەتتا گۆش ئۈچۈن بوردىلىدىغان توخۇلارغا بېرىلىدىغان يەم - خەشەكتىمۇ زەھەرلىك مېلامىن بارلىقى، بۇنداق مەھسۇلاتلار ئىستىمال قىلغان ئادەمنى بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدىغانلىقى باشقا دۆلەتلەردە ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان ئىدى. ھازىر سەئۇدىلىقلارمۇ خىتاينىڭ يېمەك مەھسۇلاتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە باشلىدى.