خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تانزانىيە ۋە كونگو قاتارلىق جايلاردىكى بىمارلار، خىتاينىڭ بەزگەك كېسىلى دورىسىنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقان ۋە ھېچقانداق دورا ۋە چارە تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ ساختا بەزگەك كېسلى دورىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە قاچىلىنىشى، ئەسلىدىكى راست دورا بىلەن پەرقسىز ھالەتتە ياسالغان بولۇپ، بۇ دورىلار، ئافرىقىدىكى ئالاقىدار قانۇن - تۇزۇملەرنىڭ بوشلۇقىدىن پايىلىنىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان. بۇ نۆۋەت ساختا دورىنىڭ زىيىنى روشەن نامايەن بولغاندىن كېيىن، تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى گېزىت - ژۇرناللاردا بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، خىتايدىن كېلىدىغان دورا - دەرمەكلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا چۈشكەن ھەمدە كىشىلەر خىتايدىن كەلگەن دورىلارنى ئىشلىتىشتە قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان.