ياپونىيىنىڭ سېنكاكو ئارىلى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى خىتاينى بىئارام قىلدى

ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش نازارىتى يېقىندا سېنكاكو ئارىلى ھەققىدە قارار ئېلىپ، كېلەر يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، سېنكاكو ئارىلىدا ئارالنى قوغداش قوشۇنى تۇرغۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.31

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش نازارىتى نۆۋەتتە ياپونىيىنىڭ سېنكاكو ئارىلى ئەتراپىدىكى 11-رايون دېڭىز تەۋەلىكىدىكى قوشۇن سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغداشقا مەسئۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، ياپونىيىنىڭ سېنكاكو ئارىلى ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «ياپونىيىنىڭ بۇ قارارى، خىتاينىڭ يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزدا قۇرغان «سەنشا شەھىرى» تاكتىكىسىنىڭ ياپونىيە تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۆزىنى بابلاشقا ئىشلىتىلىشى بولدى» دەپ تەسۋىرلەندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.