ياپونىيە سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقان خىتاي ئايروپىلانىغا قارشى كۈرەشچى ئايروپىلان چىقاردى

ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي - ياپونىيە ئارىسىدا تالاش تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقان خىتاي ئايروپىلانى توسۇش ئۈچۈن كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.05


ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5 - يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 12 دە خىتايغا تەۋە «Y_12» تىپىلىق ئايروپىلان سېنكاكۇ ئارىلىغا 120 كىلومېتىر يېقىنلاشقان.

دەل شۇ چاغدا ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرى دەرھال كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ئايروپىلاننىڭ ئالدىنى توسقان. خىتاي ئايروپىلانى ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرمەي قايتىپ كەتكەن.

ياپونىيە ئالدىنقى ئايدىمۇ سېنكاكۇ ھاۋا تېلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەن خىتاي ئايروپىلانى توسۇش ئۈچۈن كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالغان ئىدى.

سېنكاكۇ ئارىلىنى خىتايلار «دياۋيۈ» ئارىلى دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ياپونىيە سېنتەبىردە ئارالنى شەخسىيلەرنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىپ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزگەن. شۇندىن كېيىن خىتاي - ياپونىيە ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.