سەنلۇ گۇرۇھى رەسمىي يوسۇندا ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى

زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىش تۈپەيلى 300 مىڭ بوۋاقنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن سەنلۇ گۇرۇھى. پەيشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ پۈتۈنلەي بەربات بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خېبېي ئۆلكىسى، شىجۇئاجۇئاڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، سەنلۇ گۇرۇھىنىڭ 12 ‏ - ئايدا سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان " شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇش تۈپەيلى ئىش توختىتىش " ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان.

خىتايدىكى 22 شىركەت تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان سۈت پاراشوكىدا زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى بايقالغان بولۇپ، زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلغان 300 بوۋاق كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن سىرت، ئاز دېگەندە 6 بوۋاق بۇ تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

سەنلۇ گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى تىيەن ۋېنخۇئا باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، شىركەتنىڭ يەنە 6 خادىمى ئايرىم - ئايرىم 5 يىلدىن 15 يىلغىچە بولغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان دورا ۋە - يېمەكلىكلەردە بايقالغان زەھەرلىك ماددىلار سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەر، كىشىلەردە خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچنى يوقىتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىدىكى تۈپ ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.