شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىنو فېستىۋالى ئىسسىق كۆلدە باشلاندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي ۋە سىياسىي - ئىقتىسادىي ئىتتىپاق بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ قويۇق ئالاقە ئورناتقان گەۋدىگە ئايلانماقتا.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.19

19 - ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2 - قېتىملىق كىنو فېستىۋالى باشلاندى.
 
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر فېستىۋالغا قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ 100 دىن ئارتۇق كىنو فىلىمى تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 38 فىلىم تاللىنىپ رەسمىي فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى فېستىۋال مەرھۇم قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوفقا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ "خەير - خوش گۈلسارە" ناملىق ئەسىرى ئاساسىدىكى كىنو فىلىمى باشلىنىش مۇراسىمىدا قويۇلغان.
 
شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ كىنو فېستىۋالى ئاساسلىقى ئىسسىق كۆل بويىدىكى گۈزەل شەھەر چولپان - ئاتادا ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت يەنە بىر قىسىم فىلىملەر قىرغىزىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى كىنوخانىلاردىمۇ قويۇلىدىكەن. فېستىۋال 26 - ئۆكتەبىر كۈنى تاماملىنىدۇ.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.