بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ناگىن ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئالاقىدار خىزمەت بىلەن شاڭخەيگە يولغا چىققان ھەمدە ئۇ ئولتۇرغان ئايروپىلاندا بىر چوشقا زۇكىمى يۇقۇم گۇماندارى بايقالغان بولغاچقا كارانتىن قىلىنغان.
نۆۋەتتە شەھەر باشلىقى ناگىننىڭ ئايالى ۋە قوغدىغۇچىلىرى شاڭخەيدىكى بىر مېھمانخانىدا كارانتىن ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسىدا چوشقا زۇكىمى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنگە قەدەر خىتايدا بايقالغان چوشقا زۇكىمى يۇقۇمدارى 80 نەپەرگە يەتكەن، ئەمما ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى كۆرۈلمىگەن.
