شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ ئافغان ئىستراتېگىيىسىگە ھەمكارلاشماقچى

باراك ئوباما، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئافغانىستان مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما ئافغانىستانغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدە ۋازىرىستاندىكى ئەلقائىدە ۋە تالىبانلارنى تارمار قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ياردەمدە بولالايدىغان ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈمىدىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۈننىڭ ئۆزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى موسكۋادا مەخسۇس ئافغانىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن چاقىرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.03.31

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىغىنىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان. خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئافغانىستان بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، تېررورلۇق ۋە جىنايەت گۇرۇھلىرىغا زەربە بېرىپ ئارقىلىق ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىشىدا ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرى ئافغانىستانغا كىرگەندىن بۇيان، خىتاي بىلەن رۇسىيە قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەر، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەراپىدا ھەربىي كۈچىنى زورايتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقان بولسا، ھالبۇكى شىمالىي ئوكيان ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.

ئەمەلىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئامېرىكا ۋە شەرقىي ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە، مەزكۇر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەۋەلىكىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئىسكەنجىگە ئالغان ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىشىدە رول ئوينىغان.

ئوباما ئافغانىستاندا تالىبان ۋە ئەلقائىدە كۈچلىرىنى تارمار قىلىش ئۈچۈن 17 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بولدى.

شۇنداقلا يەنە بىر قانچە ئاي ئىچىدە تۆت مىڭ ئەسكەرنى بۆلۈپ ئەۋەتىدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.