شاڭخەي شەھىرى دېڭىز يۈزى ئۆرلەپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.10.06
2008.10.06
ئالىملارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش، شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز ئوكيانلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىنى تىزلىتىپ دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
خەۋەردە خىتاي ستاتىستىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دېڭىز ئوكيان گېئولوگىيىسى پروفېسسورى ۋاڭ پىڭشيەننىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ۋاڭ دېڭىز يۈزى ئۆرلەپ كېتىش ھادىسىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ دېڭىز بويىغا جايلاشقان شاڭخەي ۋە تيەنجىن شەھەرلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان يەر يۈزى تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى تۈپەيلى بۇ شەھەرلەرنىڭ دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش تەھدىتىگە ئەڭ قاتتىق دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شاڭخەي شەھىرى خىتايدىكى ئادەم ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇس ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بىرى ھەمدە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى مەركىزى بولۇپ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ئېگىز بىنالار شاڭخەيدىكى بەزى تىندۇرۇپ بىنا سېلىنغان سازلىقلارنىڭ ئولتۇرۇپ كېتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىغان.
شاڭخەي شەھەر يۈزىنىڭ تۆۋەنلىشىدە شەھەر تەرەققىياتىدىن باشقا يەنە يەر ئاستى سۈيىنى كۆپ مىقداردا تارتىشمۇ ئاساسلىق رول ئوينىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، شاڭخەي شەھىرى 1925 - يىلدىن 1965 يىلغىچە 1.76 مېتىر يەنى يىلىغا 4 سانتىمېتىر چۆككەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرچە شاڭخەينىڭ چۆكۈش تېزلىكى مۇئەييەن دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما، خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، مەزكۇر شەھەر ھەر يىلى مۇئەييەن نىسبەتتە تۆۋەنلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ،2007 - يىلى 6.8 مىللىمېتىر ئولتۇرۇشقان.









