مەلۇم بولۇشىچە، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن بىر ھەربىي شوپۇر، شەھەردىكى قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. نەتىجىدە ماشىنىدىكى ھەربىيلەر ساقچىلار ئارىسىدا ئاغزاكى تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن. ساقچىلار ھەربىيلەرنىڭ نارازىلىقىغا قارىماستىن، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇرنى قاماقخانىغا سولاپ قويغان. ئەتىسى شەھەر ياقىسىدا تۇرۇشلۇق گازارمىدىكى ھەربىيلەر نەچچە ئونلىغان ھەربىي ماشىنىسى بىلەن شەھەر ئىچىگە كىرىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى قورشىۋالغان ۋە سولاقتىكى ھەربىينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ ھەقتە خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ھېچقانداق خەۋەر تارقاتمىغان، ئەمما ۋەقە ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتە چىققان بىر تور خەۋىرىدىكى رەسىمدە ئىككى چوڭ ھەربىي ماشىنىسىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنى توسۇۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە دائىرىلەر ۋەقەنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان ئەمما ۋەقەنىڭ جەريانى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.