باياناتچى ما چاۋشۇ مۇخبىرنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «2010-يىللىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش يىللىق دوكلاتى» ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «خىتاي تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.
«شەرقىي تۈركىستان» تېررور كۈچلىرىگە زەربە بېرىش خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارادا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئومۇمىي ئېقىمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭمۇ تېررورچىلىقنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنى خەلقئارا تېررورچىلىققا باغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى غەرب ئەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
بۈگۈن خىتاي باياناتچى ما چاۋشۈ سۆزىدە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ: بىزنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىدىكى ئەندىشىمىزنى خەلقئارا چوقۇم دىققەتكە ئېلىشى كېرەك، بىز بۇ جەھەتتىكى پەرقلىق مۇئامىلىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، دېگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمنى كۈندىن-كۈنگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
