شىجياجۇاڭدا ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىنباۋ» گېزىتىنىڭ 11-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىجياجۇاڭدا، سەيشەنبە كۈنى كېچىدە مىڭدىن ئارتۇق ئامما بىلەن 100 نەچچە ساقچى ئوتتۇرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 10 ئادەم يارىلانغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىر ساقچى تاكىسىدىن چۈشكەن يولۇچىنىڭ ساقچى ماشىنىسىنى توسۇۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، تاكىسىنى قەستەن سوقۇپ، تاكىسى شوپۇرىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا كەلگەن قاتناش ساقچىلىرى ھېلىقى ساقچىغا يان بېسىپ، ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغان.

شۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان ئامما ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مەيدانغا توپلانغان ۋە ۋەقە سادىر قىلغان ساقچىنىڭ ماشىنىسنى ئۆرۈۋېتىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، 100 دىن ئارتۇق ساقچىنى ياردەمگە چاقىرغان. نەتىجىدە، مەيدانغا يىغىلغان ئامما بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش بارغانچە كۈچىيىپ، توقۇنۇش چارشەنبە كۈنى سەھەرگىچە داۋاملاشقان.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ تۆمۈريول ساقچىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ساختا ساقچى بەلگىسى بېكىتىلگەن شەخسىي ماشىنىسنى مەست ھالەتتە ھەيدەپ، ۋەقە تۇغدۇرغانلىقى ئۈچۈن تۆمۈريول ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.