ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا زىيارىتىدىكى ۋيېتنام، تايلاند ۋە ھىندونېزىيە زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ قانۇنىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
شىنزۇ ئابې مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «مەيلى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز مەسىلىسى ياكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مەسىلىسى بولسۇن، ياكى ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى بۇ مەسىلىلەردە بولسۇن، بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يولى تىنچلىق يولى ۋە خەلقئارالىق قانۇنى تەرتىپلەردۇر، ھەرگىزمۇ زوراۋانلىق كۈچى ئەمەس» دېگەن.
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې بۈگۈن 18-يانۋار كۈنى ھىندونېزىيە زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ياپونىيىگە قايتقان. مەلۇم بولۇشىچە ئۇ، ئالجىرىيىدىكى 14 نەپەر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھىندونېزىيە زىيارىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغلاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.