شۋېتسارىيە گۈەنتانامودىكى 3 ئۇيغۇرنىڭ سىياسى پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغان
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.14
2008.11.14
شۋېتسارىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى يېقىندا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن 3 كىشىنىڭ ئۆزلىرىدىن سىياسى پاناھلىق تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىگە قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا پاناھلىق تەلىپىنىڭ شۋېتسارىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پاناھلىق تەلىپىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا تەن جازاسى ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر يەرلىك فېدېرال سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، تۆۋەن سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتقان ئىدى.
بۇش ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا سوتقا سۇنغان ئەرزىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ " ئامېرىكا خەلقىغە تەھدىت" پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر تەتقىقات ئورنى ھازىرلىغان يېقىنقى بىر دوكلاتىدا بۇش ھۆكۈمىتى سۇنغان ئەرزىدىكى بۇ سۆزلەرنى تەنقىدلەپ، بۇ 3 - بىر دۆلەتنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.









