سومالىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 6 پارلامېنت ئەزاسى قاتارلىق 32 ئادەم ئۆلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.08.24
2010.08.24
نەتىجىدە ۋەقەدە، 5 نەپەر بىخەتەرلىك ساقچىسى، 6 پارلامېنت ئەزاسى، 19 پۇقرا ۋە بىر كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 32 كىشى ئۆلگەن.
ۋەقەدىن كېيىن ئەلشاباب تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇلار باياناتىدا، ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلارنى دۈشمەن تەرەپنىڭ قول - چوماقلىرى دەپ كۆرسەتكەن.
ئەلشاباب تەشكىلاتى سومالىدىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپىسىگە قارشى قوراللىق كۈرەش قىلىۋاتقان بىر تەشكىلاتتۇر.