داڭلىق مەھسۇلاتلار خىتايدا ئىچىملىك سۇنى بۇلغىماقتا
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى، 8 دەريادىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتايدىكى نەك، ئادىداس قاتارلىق كىيىم شىركەتلىرىنى، چاڭجياڭ، خۇاڭخې دەريالىرىغا قۇيۇلىدىغان دەريالارغا زەەھەرلىك خېمىيېۋىى بىرىكمىلەر بار پاسكىنا سۇلىرىنى قويۇپ بېرىپ، خىتايدا كەڭ دائىرىلىك سۇ بۇلغىنىش پەيدا قىلماقتا دەپ ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بازىرىدىكى داڭلىق مەھسۇلاتلار سۈيىنى بولغاۋاتقان چاڭجياڭ، خۇاڭخې دەريالىرى، خىتايدا 26 مىليون ئادەمنى ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان دەريالار بولۇپ، ئىچىملىك سۇغا تاقىلىدىغان بۇ مەسىلە ھازىر، خوڭكوڭدىكى ئادىداس شىركىتى ۋە نىڭبودىكى بوياش زاۋۇتى قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ئېنىقلاشقا مەجبۇر قىلماقتا.