ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئايدا جەنۇبىي سۇدان مۇستەقىل دۆلەت بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ چېگراسىدىكى نېفىت رايونىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسى ۋە نېفىت كىرىمىنى بۆلۈشۈش تېخى ھەل قىلىنمىغان ئىدى. نېفىتلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي سۇدان تەۋەسىدە بولۇپ، بىراق جەنۇبىي سۇدان نېفىت ئېكسپورت قىلماقچى بولسا، يەنىلا سۇدانغا تايانماي مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
ئىككى پرېزىدېنت بىرلەشمە كومىتېت قۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قايتا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشقا پۈتۈشكەن. بىراق، ئۇلار كونكرېت لايىھىلەرنى ئاشكارىلىمىغان.
مۇستەقىل بولغۇچى بىلەن ئەسلى مۇستەملىكە قىلغۇچى ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىم بىر يەرگە كېلىپ جىددىي مەسىلىلەرنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلماقچى بولغانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.
