سۇداندا مۇستەقىل بولغان دۆلەت ئۆزىنىڭ نامىنى ئېلان قىلدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سۇداندا يېڭىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى دېگەن تەشكىلاتنىڭ سىياسىي بيۇروسى بۈگۈنكى يىغىنىدا، سۇداندا يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى «جەنۇبىي سۇدان» دەپ جاكارلىدى.

ئۆتكەن ئايدا سۇداننىڭ جەنۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشتا، سۇداننىڭ شىمالىدىكى كاسمو ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قوللايدىغان ئادەم سانى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئىچىدە، بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ نامىنى نېمە دەپ ئاتاش ھەققىدە ھەرخىل تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەشەببۇسلارنىڭ ئىچىدە «بۇ دۆلەتنىڭ نامىنى نىل جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاش كېرەك» دېگەن تەشەببۇس ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە باياناتتا بۇ دۆلەت نامى پارلامېنتتا تەستىقلانغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر « جەنۇبىي سۇدان » دېگەن بۇ نام، دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى دۆلەت نامى بولۇپ قالدى.