جەنۇبىي سۇدان شەنبە كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى

جەنۇبىي سۇدان شەنبە كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى. مىڭلىغان جەنۇبىي سۇدان ئاممىسى ۋە خەلقئارانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇبادا بايرام تەنتەنىسىگە جور بولدى.

مۇراسىم جاكارچىسى: بىز تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمىز. پۈتۈن دۇنيانىڭ بىزنىڭ بۇ تەنتەنىمىزگە جور بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز، دېدى.

شەنبە كۈنى چۈشە ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق جاكارلاش مۇراسىمىغا جەنۇبىي سۇندان خەلقىدىن باشقا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋېل قاتارلىقلار قاتناشنى.

جەنۇبىي سۇداندىكى قارا تەنلىك قەبىلىلەر ئوتكەن 50 يىلدا شىمالىي سۇداندىكى ئەرەبلەرنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئىككى قېتىم ئىچكى ئۇرۇش قىلغان.

1983-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە داۋام قىلغان ئاخىرقى ئۇرۇشتا 2 مىليون ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. جەنۇبى سۇدان مەركىزىي سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن 2005-يىلى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئومۇم خەلق راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. راي سىناشتا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئادەم مۇستەقىللىقنى قوللاپ بىلەن تاشلىغان ئىدى.

ئۆمەر ئەل بەشىر پرېزىدېنتلىقىدىكى سۇدان جۇمھۇرىيىتى جەنۇبتا جەنۇبىي سۇدان قەبىلىلىرى بىلەن، شىمالدا دارفۇر رايوندىكى ئاز سانلىق قەبىلىلەر بىلەن كۆپ قېتىم توقۇنۇشقان.

جەنۇبىي سۇدان مەسىلىسى ھەل بولۇپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ، شىمالىي سۇدان يەنى دارفۇر مەسىلىسى تېخىچە ھەل بولغىنى يوق.

سۇدان پرېزىدېنتى ئەل بەشىر مەزكۇر رايونلاردىكى ھەربىي يۈرۈشلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا سوت تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىگە ئايلانغان.

2008-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغان جەنۇبىي سۇداننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 8 مىليون 260 مىڭ 490 بولۇپ نۆۋەتتە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان 193 دۆلەت ئىچىدە 54-چوڭ دۆلەت بولۇپ ئەنگە ئېلىنىدىكەن.