خىتاينىڭ سۇداندىكى ئەلچىخانىسى "ھايات" تېپىلغان ئىشچىنى سۇدان دائىرىلىرىنىڭ تاپقانلىقى شۇنداقلا ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، ئىشچىدا ئوق يېگەنلىك، يارىلانغانلىقنىڭ ئالامىتى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قوراللىق كىشىلەر 18 - ئۆكتەبىر كۈنى سۇداننىڭ جەنۇبىي كوردۇفان ئۆلكىسىدىكى نېفىت قۇدۇقىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ 9 نەپەر' ئىشچىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن سۇداندىكى خىتاي شىركەتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سۇدان دائىرىلىرى ئېلىپ بارغان گۆرۈدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە 4 نەپەر خىتاي ئۆلگەن، 3 خىتاي ئىشچى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يارىلانغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان ئىككى كىشىدىن بىرى تېپىلدى، لېكىن ھايات - ماماتلىقى مەلۇم بولمىغان يەنە بىرىنىڭ ئىز - دېرىكى قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ سۇداندىكى ئەلچىخانىسى ئاخىرقى خىتاي ئىشچىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقى، سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن سۇدان ھۆكۈمىتى دارفۇر پارتىزانلار ئەترىتى - ئادالەت ۋە باراۋەرلىك ھەرىكىتىنى ۋەقەگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك، دەپ ئەيىبلىگەن، لېكىن مەزكۇر تەشكىلات گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.
خىتاي ئۇزۇندىن بېرى سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۇدان دائىرىلىرىنىڭ دارفۇردىكى يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا ھەمشېرىك بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن شۇنداقلا خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكىنىڭ دارفۇرغا خەلقئارا قوشۇن كىرگۈزۈش تەكلىپىگە قارشى چىققان.
ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر پروگراممىسىدا خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا قارىماي، سۇدانغا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ساتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.