سۈرىيىلىك بىر ئۇچقۇچى ئىئوردانىيىدە پاناھلاندى

بۈگۈن ئىئوردانىيە دائىرىلىرى سۈرىيىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ ئىئوردانىيىدە پاناھلىنىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. BBC نىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيىدە ياسالغان MIG - 21 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى ھەسەن ئەل خامىدى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان ئايروپىلاننى ھەيدەپلا ئىئوردانىيە تەۋەسىگە ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ئىئوردانىيىنىڭ سۈرىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى مافراك ھاۋا بازىسىغا قونغان. سۈرىيە دائىرىلىرى ھازىر ئۇنى «خائىن» دەپ ئېلان قىلىپ، ئىئوردانىيىدىن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.06.21


ئىگىلىنىشىچە، سۈرىيىلىك ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلانى بىلەن بىرلىكتە ئەسەد ھۆكۈمىتىدىن قېچىشى تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن ۋەقە بولۇپ، ئىسيانچىلار قۇرغان «مۇستەقىل سۈرىيە ئارمىيىسى» نىڭ باياناتچىسى ئەھمەد قاسىم بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ئۇچقۇچىغا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتقان.

بۈگۈن يەنە رۇسىيىنىڭ بىر يۈك پاراخوتى سۈرىيىگە كېتىۋاتقاندا شوتلاندىيە تاموژنا دائىرىلىرى يول خېتىنى بىكار قىلغانلىقتىن سۈرىيىگە قاراتقان سەپىرىنى داۋام قىلالماي رۇسىيىگە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋرو بۇ پاراخوتتا سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن كۈرەشچى ئايروپىلان بارلىقىنى دەلىللىگەن.

سۈرىيىدە ھېلىھەم بومباردىمانلار داۋام قىلماقتا. خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەزالىرى ھۇمۇستىكى بومباردىماندا يارىلانغانلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بومباردىمان سەۋەبلىك 10 كۈندىن بېرى شەھەرگە كىرەلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.