ب د ت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيىدە ھەر تەرەپ كوفى ئانناننىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، سۈرىيىنىڭ تىنچلىق ۋەزىيىتى ھازىر ب د ت خادىملىرى ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيىدە تۈنۈگۈن بىر كۈندە يۈز بەرگەن ھەرخىل توقۇنۇشلاردا 135 ئادەم ئۆلگەن. يېقىندىن بۇيان سۈرىيىدە ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ.
