تۈركىيە ھەربىي قىسىملىرى سۈرىيە چېگراسىغا توپلىنىشقا باشلىدى

سۈرىيە تۈركىيىنىڭ F-4 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن كېيىن تۈركىيە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەربىي قىسىملىرىنى سۈرىيە چېگراسىغا توپلاشقا باشلىغان.

تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا، تانكا-برونېۋىك ۋە توپچى قىسىملىرى تۈركىيىنىڭ سۈرىيە چېگرا بويىدىكى رەيھانلى قاتارلىق رايونلارغا توپلىنىشقا باشلىغان ۋە تۈرك ھەربىي قوماندانلىرى چىگرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىغان.

سۈرىيە تۈرك ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى قانۇنلۇق مۇداپىئە، دەپ ئاقلىغان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سۈرىيىگە قارىتىلغان ھەربىي پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

باش مىنىستىر ئەردوغان، بۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيىنىڭ ھەر قانداق ھەربىي ئېلېمېنتى تۈركىيە چېگراسىغا يېقىنلاشسا، ھەربىي تەھدىت، دەپ قارىلىپ يوقىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي قىسىملارنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا توپلىنىۋاتقانلىقىنى رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى TRT ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىدىكى سۈرىيە چېگراسىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان ھەربىي بازىدىن ئايرىلىپ، چېگراسىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ب د ت ئەلچىسى كوفى ئاننان ئالدىنقى كۈنى سۈرىيە توقۇنۇشىدىكى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كوفى ئانناننىڭ پىلانىدا ئۆتكۈنچى دەۋرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دەپ قارالغان ھۆكۈمەت تەرەپتىن باشار ئەسەد قاتارلىق شەخسلەر بىلەن ئۆكتىچىلەر تەرەپتىن بەزى كىشىلەر سىرتتا قالدۇرۇلغان.