خىتاي سۈرىيىدىكى ئىسيانچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تۈنۈگۈن بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇرۇشۇۋاتقان جەڭچىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.10.29

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسلىنىپ بايان قىلىشىچە، چەئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەزالىرىنى سۈرىيىگە ئەۋەتىپ، ئەساد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇشۇۋاتقان جىھاتچىلارغا ياردەم بەرگەن.

خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر جىھادچىلارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ تەلىماتىغا ئاساسەن مەزكۇر جەڭگە قېتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر جەڭگە ئەزا ئەۋەتكەنلىكىنى رەت قىلدى؛ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىنىڭ قانۇنلىرى دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىل بىر ئاممىۋى تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، سۈرىيە خەلقىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇرۇشىنىڭ ھەققانىيلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا سۈرىيە خەلقىگە بېرىلىۋاتقان ئىنسانىي ياردەم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.