خىتايدىكى سەنلۇ سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ كېسەل بولغان ئەڭ كىچىك بوۋاق ئۇيغۇر

خىتاي ئاخباراتلىرى سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلەنگەن بوۋاقلارنىڭ ئىچىدە كېسەل بولغانلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى توققۇز ئايلىق، شۇنداقلا بۆرىكىدىن تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان بىمار بوۋاقنىڭ ئەڭ كىچىكى بىر ياش يەتتە ئايلىق دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈن 2 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى، سەنلۇ سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ بۆرىكىگە تاش چۈشكەن يەتتە ئايلىق مىرادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بوۋاق ئۈستىدىن يېقىندا تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان.

خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىن مەزكۇر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن مىرادىلنىڭ بۆرىكىدىن ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋىتىلگەن تاش ئۇنىڭ بۆرىكىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك كېلىدىغان بولۇپ، بۇ خىتايدا سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان بوۋاقلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپلا قالماي ئۇنىڭ بۆرىكىدىن پارچىلاپ ئالغان تاشمۇ خىتايدا سەنلۇ ۋەقەسىدىن كېيىنكى، بۆرىكىگە تاش چۈشكەن بوۋاقلاردىن ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋىتىلگەن ئەڭ چوڭ تاش ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ دوختۇرخانىدا باشقا يەنە توققۇز ئايلىق بولغان ئۇيغۇر قوش كېزەكلەر شاھىدە بىلەن شاكىرەمۇ، 2 - دېكابىر كۈنى ئوخشاشلا تاش چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان. بۇ بوۋاقلارمۇ سەنلۇ ماركىلىق زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنى ئىستىمال قىلغانلىقتىن بۆرىكىگە تاش چۈشكەن ئىكەن.

خىتايدا زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، زەھەرلەنگەن ھەم ئۆلگەن بوۋاقلار سانىدا داۋاملىق ئېشىش كۆرۈلمەكتە. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2 - دېكابىر ئېلان قىلىشىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن مېلامىن قوشۇلغان سەنلۇ ماركىلىق ۋە باشقا زەھەرلىك سۈت پاراشوكلىرىنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبلىك، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولغان كېسەل بوۋاقلارنىڭ مەلۇم بولغىنى 294 مىڭدىن ئاشقان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەر ئالتە نەپەرگە يەتكەن.