مەزكۇر قارار چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن تاجىكىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن رەسمىي ماقۇللانغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي بۇ خەۋەرنى دەلىللىگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بۇ چېگرا تالاش-تارتىشى تاجىكىستانغا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىن قالغان بولۇپ، خىتاي پامىر ئېگىزلىكىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسى ئىچىدە بولغان قىسمىدىن 28 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. بۇ مەسىلە ھەققىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا كۆپ قېتىم سۆھبەتلەر بولغان.
خىتاي دائىرىلىرى تاجىكىستان مۇستەقىل بولغان 90- يىللاردىن تارتىپ تاجىكىستاندىن بۇ زېمىننى تەلەپ قىلغان بولۇپ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئېلى راخمان 2002- يىلى 5- ئايدا خىتايغا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا خىتاي تەلەپ قىلىۋاتقان پامىر ئېگىزلىكىدىكى بۇ جاينىڭ ئۈچ يېرىم پىرسەنتىنى خىتايغا بېرىشكە قوشۇلغان. ئەمما قارار تېخى تاجىكىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانمىغان ئىدى.
تاجىكىستاننىڭ خىتايغا زېمىن ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر تاجىكىستاندا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. تاجىكىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى مۇھىددىن قەبىرى خىتايغا يەر بېرىشنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، "بۇ تاجىكىستان دىپلوماتىيىسىدىكى بىر مەغلۇبىيەت "دەپ كۆرسەتتى.
ھازىر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 1000 كۋادرات كىلومېتىرلىق يەرگە ئائىت تەپسىلىي مەلۇماتلار تېخى تولۇق ئەمەس. بۇ رايوندا قانچىلىك ئولتۇراق ئاھالىنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە تاجىك-خىتاي ھەر ئىككىلا تەرەپ تېخى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
تاجىكىستان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن يەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تېررىتورىيىسى تەۋەسىگە مەنسۇپ بولىدۇ.