تالىبانلار كابۇل ۋە باشقا جايلاردا ھۇجۇم ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستان پايتەختى كابۇل ۋە باشقا بىر قىسىم جايلاردا تالىبانلار تەشكىللىك تۈردە ھۇجۇم ئېلىپ بارغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.04.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى تالىبانلارنىڭ كابۇلدىكى چەتئەل ئەلچىخانىلىرى جايلاشقان ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئورۇنغا ھۇجۇم قىلغان. ھەتتا پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدىمۇ ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان. كابۇلدىكى ئەلچىخانىلار ئىچىدە رۇسىيە ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا يېقىن جايدا ھۇجۇم ۋەقەسى يۈزبەرگەن. رېيتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى تالىبانلارنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنىڭ باھاردا باشلىغان ھۇجۇملارنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ 2001 - يىلى، تالىبانلار ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىر قېتىملىق تەشكىللىك ۋە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.