خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ 2012-يىلى رايوندىن قېزىۋېلىنىدىغان ئالتۇننى 14 توننىغا يەتكۈزۈش پىلانىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي، چۆچەك، ئىلى رايونلىرىدىكى ئالتۇن زاپىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇننىڭ ئاساسى سالمىقىنى ئىگىلەيدىكەن. ھالبۇكى، بۇ يىل ئەڭ كۆپ ئالتۇن قېزىۋېلىنغان چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ تۆلى ناھىيىسى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيىلىرى يەنىلا نامرات ناھىيىلەر دەپ ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىۋاتقان ئالتۇن قاتارلىق كان بايلىقلىرىدىن ھېقىقى بەھرىمەن بولۇۋاتقىنى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم خىتاي شىركەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.